«پ ك ك تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى سۈرىيەگە يۈزلەندۈردى»
باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى سۈرىيەگە يۈزلەندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
911370

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم ئەنگلىيەنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن « BBC » نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېررورچىلارنى ھىمايە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشىغا ئەگىشىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا پۇت تىرەپ تۇرالىغۇدەك ساھەسى قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئوخشىغان بىر ھىمايىچىگە ساھىب بولغانلىقى ئۈچۈن تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى سۈرىيەگە يۈزلەندۈردى. بۇنى ئامېرىكىلىقلارمۇ ئوتتۇرىغا قويماقتا.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 137 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازاقىلغانلارنىڭ سانى 137 كىشىىگە يەتتى.