يىلدىرىم گىرېتسىيە باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

910114
يىلدىرىم گىرېتسىيە باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، يىلدىرىم چىپراسقا گىرېتسىيەنىڭ ئەگە دېڭىزىدا سۈركىلىشنى ئازايتىش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان سۈركىلىش بىزنى قاتتىق رەنجىتىۋاتىدۇ. گىرېتسىيە ئەگە دېڭىزىدا سۈركىلىشنى ئازايتىش ئچ كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك.»

بۇ ھەقتە زۆرۈر تېپىلغاندا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغان ۋە ياخشى كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەن تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرش ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.

باش مىنىستىر  يىلدىرىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بېلارۇسىيەگە قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدىمۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە: «چىپراسقا سۈركىلىشلەردىن يىراق تۇرۇشنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا بىلدۈردۇق. دەرۋەقە، ئەگە دېڭىزى دوستلۇق دېڭىزى بولۇشى لازىم» دېدى.

ئۇ يەنە، گىرېتسىيە ۋە تۈركىيە باش ئىشتاب باشلىقلىرىنىڭ ناتو دائىرىسىدە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر