تۈركىيە رەھبەرلىرى پۇتىنغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر يىلدىرىم موسكۋادا يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا ۋە باش مىنىستىرى مېدۋېدېۋغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللاپ، تۈنۈگۈن موسكۋا دومودېدوۋو ئايرودۇرۇمىدا يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قوزغالغاندىن كېيىن چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 71 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋەقەدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەمدە ئېچىنىشلىق ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر – تاقەت، پۇتىنغا ۋە ئۇنىڭ نامىدىن پۈتكۈل رۇسىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرگەن.
باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللاپ مۇنداق دېگەن: «ئېچىنىشلىق ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا سەۋر – تاقەت، نامىڭىزدىن ھۆكۈمىتىڭىزگە ۋە دوست رۇسىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمەن.»
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋغا تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈرگەن.