ئون بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، 118 تېررروچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى پ ك ك/ ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەربىي ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

908000
ئون بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، 118 تېررروچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى پ ك ك/ ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە باشلىغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدىكى تۈنۈگۈنكى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 36 نىشان يوقىتىپ تاشلاندى، 118 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

شۇنداق قىلىپ، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى باشلىغاندىن بۇيان ئافرىندا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 1180 دىن ئاشتى.

ئافرىننىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان دەيرۇ بەللۇت رايونىدىكى پ ي د / پ ك ك تېررورچىلىرىمۇ تازىلاندى. زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 2، تۈنۈگۈنكى باشقا توقۇنۇشلاردا بولسا، 9 ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر