يىلدىرىم مىيۇنخېندا خەۋپسىزلىك كونفېرانسىغا قاتنىشىدۇ

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم 18-16 –فېۋرال كۈنلىرى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك كونفېرانسىغا قاتنىشىدۇ.

907305
يىلدىرىم مىيۇنخېندا خەۋپسىزلىك كونفېرانسىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم 20-يانۋار گېرمانىيەدە تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىندا «پ ك ك/ ك ج ك/پ ي د-ي پ گ ۋە دائېش» تېررورىستلىرىنى يوقىتىش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن باشلىغان «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» دە، تۈركىيەنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى رەھبەرلەرگە چۈشەندۈرىدۇ.

بىنالى يىلدىرىم تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك/پ ي د-ي پ گ غا بېرىلگەن ناتو قوراللىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئىشلىتىلگەنلىكىنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. 54-نۆۋەتلىك خەلقئارا مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك كونفېرانسىغا، 21 دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، دۇنيا خەۋپسىزلىك سىياسىتى ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەر قاتنىشىدۇ.

مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك كونفېرانسىنىڭ رەئىسى ۋولفگاڭ ئىسچىنگېر بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان شېرىك دۆلەت-تۈركىيەنىڭ كونفېرانسقا قاتنىشىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئىسچىنگېر تۈركىيە بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكلەرنى پەسەيتىدىغان ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر