ئەردوغان: تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ھېچقانداق بىر مەھسۇلات سىرتتىن ئېلىنمايدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ھېچقانداق بىر مەھسۇلاتنىڭ چەت ئەلدىن ئېلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

904795
ئەردوغان: تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ھېچقانداق بىر مەھسۇلات سىرتتىن ئېلىنمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزدە لايىھەلىگىلى، ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغان يۇمشاق دېتال، تۈرلۈك سىستېمىلار قاتارلىق ھېچقانداق بىر مەھسۇلاتنى قەتئىي چەت ئەلدىن ئالمايمىز. تېخىمۇ كۆپ چىقىم ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزىمىز ئىشلەپچىقىرىمىز.»

چارشەنبە كۈنى چاقىرىلغان دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا 55 تۈرلۈك 9.4 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسى لايىھەسى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، قارار چىقارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىز دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ناھايىتى مۇھىم ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ دەۋردە، دۆلەت مۇداپىئەسى لايىھەلىرىمىز تېخىمۇ ھالقىلىق لايىھەلەرگە ئايلانماقتا. تاماملانغان لايىھەلىرىمىزنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، داۋاملىشىۋاتقان لايىھەلىرىمىزنى تېزلەشتۈرۈش، كۈنتەرتىپىمىزدىكى يېڭى لايىھەلەرنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن تېزلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە مەجبۇرمىز. ئۆزىمىزنىڭ كىندىكىنى ئۆزىمىز كېسەلىگەن تەقدىردە، چوقۇم نىشانغا يېتەلەيمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، چەت ئەلنىڭ بىزگە بەرگەن بىر تال بۇرما مىخنىمۇ نۆۋىتى كەلگەندە بېسىم، ھەتتا تەھدىت ۋاسىتىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى كۆردۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر