تۈركىيە گوللاندىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە قاراپ چىقىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي گوللاندىيەنىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىغا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى قارشى ئېلىنمىغان باش ئەلچىسىنى رەسمىي چاقىرغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

904361
تۈركىيە گوللاندىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە قاراپ چىقىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي گوللاندىيەنىڭ باش ئەلچىسىنى رەسمىي چاقىرغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلان قىلدى. ئۇ: «ھازىرقى ۋەزىيەتتە، گوللاندىيە تەرەپ نورماللىشىش يولىدا كېرەكلىك كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاش ئىرادىسىنى كۆرسەتكەن تەقدىردە، تۈركىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە قاراپ چىقىشقا تەييار» دېدى.

باياناتچى ھامى ئاكسوي تۈنۈگۈن (5-فېۋرال) گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بايانات توغرىسىدىكى سوئالغا بەرگەن يازما باياناتىدا، 2017-يىلى مارت ئېيىدا يۈز بەرگەن كىرىزىستىن كېيىن، تۈركىيە-گوللاندىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ كۈتكەنلىرىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ كىرىزىس يۈز بەرگەندىن تارتىپ، تۈركىيەگە كەلمىگەن گوللاندىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسىنىڭ قارشى ئېلىنمايىدىغانلىقىنىڭ گوللاندىيە دائىرىلىرىگە بىلدۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «كىرىزىس يۈز بەرگەن شۇ كۈندىن باشلاپ گوللاندىيە باش ئەلچىسى دۆلىتىمىزگە كەلمىگەن ئىدى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، گوللاندىيە تەرەپ نورماللىشىش يولىدا كېرەكلىك كونكرېت قەدەملەرنى بېسىش ئىرادىسىنى كۆرسەتكەن تەقدىردە، تۈركىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە قاراپ چىقىشقا تەييار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر