سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە تۈركىيەنىڭ بىر ئەسكىرى شېھىت بولدى
سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، 5 ئەسكەر بىلەن بىر مەمۇرىي خادىم يارىلاندى.
904339
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىدلىبنى بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان 6 – نومۇرلۇق كۆزىتىش نۇقتىسىدىكى تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ گىرانامىيوت ۋە زەمبىرەك ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، 5 ئەسكەر بىلەن 1 مەمۇرىي خادىمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئافرىن رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە يۈز بەرگەن تۈنۈگۈنكى توقۇنۇشتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
تۈركىيە ئارمىيەسى، پ ك ك/ ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنىڭ ئافرىننىڭ كۇرى تۆپىلىكىگە قىلغان زەمبىرەك ھۇجۇمىدا بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، ھۇجۇمدىن كېيىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا دەرھال قايتۇرما زەربە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.