ئەردوغان ۋاتىكاندا زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، كاتولىكلارنىڭ رۇھانى رەھبىرى پاپا فرانسىسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 4-، 5 – فېۋرالدا ۋاتىكاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

903111
ئەردوغان ۋاتىكاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ پاپا بىلەن ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە – ۋاتىكان مۇناسىۋەتلىرى، قۇددۇسقا ئالاقىدار مەسىلىلەر، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، سۈرىيەدىكى ئىنسانلىق تىراگېدىيەسى، تېررورىزم، چەت ئەللىك ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ۋاتىكان زىيارىتىدىن كېيىن رىمدا ئىتالىيە پىرېزىدېنتى سېرگىئو ماتتارېللا بىلەن خىزمەت زىياپىتىدە كۆرۈشىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئۇ يەردە باش مىنىستىر پاۋلو گېنتىلونىنى قوبۇل قىلىدۇ.

تۈركىيە بىلەن ئىتالىيە ئارىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، مۇداپىئە سانائىتى ساھەلىرى بويىچە ھەمكارلىق مەسىلىللىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، سۈرىيە، ئىراق ۋە لىۋىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، قۇددۇس، تېررورىزم ۋە مۇۋازىنەتسىز كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەش مەسىلىلىرى بويىچە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى دېگەندەك ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

ئەردوغاننىڭ رىم زىيارىتى جەريانىدا، ئىتالىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شىركەتلىرىنىڭ خوجايىنلىرىنىمۇ قوبۇل قىلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر