ئەردوغان ماكرون بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

903023
ئەردوغان ماكرون بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئافرىندا داۋاملىشىۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ۋە سوچىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۈرىيە مىللىي دىيالوگ قۇرۇلتىيى قاتارلىقلاردىن سىرت ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ زېمىنىدا كۆز قىرىنىڭ يوقلۇقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئافرىننى پ ي د – ي پ گ، دائېش دېگەندەك تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن خالىيلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ماكرونغا ھەرىكەت توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پ ي د / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خاتاي ۋە كىلىس قاتارلىق ۋىلايەتلەرگە راكېتامىيوت ئاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككى رەھبەر، سۈرىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە چېتىشلىق تېمىلار بويىچە يېقىن ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر