ئافرىن رايونىدىكى تېررورچىلارنىڭ تۈركىيەگە راكېتامىيوت بىلەن قىلغان ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

ئافرىن رايونىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك /  پ ي د تېررورچىلىرىنىڭ كىلىس ۋە خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىگە قىلغان 8 راكېتامىيوت ھۇجۇملىرىدا 1 كىشى ئۆلدى، بىرى ئېغىر 12 كىشى يارىلاندى.

902359
ئافرىن رايونىدىكى تېررورچىلارنىڭ تۈركىيەگە راكېتامىيوت بىلەن قىلغان ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورچىلارنىڭ ئافرىن رايونىدىن ئاتقان راكېتامىيوت ئوقلىرىدىن 5 ى  خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىگە چۈشۈپ، 10 كىشى يارىلاندى، ھۇجۇملاردا يارىلانغان 10 كىشى بالنېسقا ئېلىندى، ئېغىر يارىلانغان بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى راكېتامىيوت ئوقلىرى چۈشكەن جايلاردا تەكشۈرۈشلەردە بولماقتا.

كىلىس شەھەر مەركىزىمۇ راكېتامىيوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

تەكشۈرۈشلەردە بولۇش ئۈچۈن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن كىلىس ۋالىيسى مەھمەت تەكىرئارسلاننىڭ ئېيتىشىچە، شەھەرگە ئايرىم – ئايرىم ھالدا چۈشكەن 3 راكېتامىيوت ئوقىدا بىرى ئېغىر بولۇپ، 3 كىشى يارىلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى ھۇجۇملارغا دەل ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرغان؛ چېگرا رايونىدا تۇرۇشلۇق قىسىملار تېررورچىلارنىڭ ئافرىندىكى ئۇۋىلىرىنى بومباردىمان قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر