ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىگە دائىر يىپ ئۇچى تېپىلدى

تۈنۈگۈن ئەنقەرەدىكى بىر باج ئىدارىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىگە دائىر يىپ ئۇچى تېپىلدى.

902542
ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىگە دائىر يىپ ئۇچى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارتلاشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش جەريانىدا نەق مەيداندىن بومبا قۇرۇلمىسى تېپىلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەتراپتىكى بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا  بىر گۇماندارنىڭ بومبا قاچىلانغان سومكىنى باج ئىدارىسىدىكى بىر يەرگە يوشۇرۇپ قويغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان، ئارقىدىنلا ساقچىلار گۇماندارنى ئىز قوغلاش جەريانىدا ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرگەن.

تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا گۇماندارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك – پ ي د نىڭ لاگېرلىرىدا تەربىيەلەنگەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە بىلەن چېتىشلىقى بار ۋە گۇماندار بىلەن ھەمكارلاشقان 8 كىشى ئوخشىمىغان شەھەرلەردە تۇتۇلغان. پارتلاشتا يارىلانغان ئۈچ پۇقرا سالامەتلىك ئەھۋالى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن بالنېستىن چىققان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر