«زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى ۋە مىللىي مۇداپىئە سىستېمىلىرى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن مىللىي مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرماقتا.

901556
«زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى ۋە مىللىي مۇداپىئە سىستېمىلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيەنىڭ چېگرا ھالقىغان «ئافرىن ھەرىكىتى» ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى غەلىبىلەر ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن ھالدا داۋاملاشماقتا. دەرۋەقە، بۇ جەرياندا تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىمۇ مۇھىم سىناقلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قوشنا ئەللەردىكى مۇقىمسىزلىقلار ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ مۇداخىلە قىلىش ساھەلىرى سەۋەبىدىن دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسى يېڭىلىقلارغا ئېھتىياجلىق بولماقتا، دۆلىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ ھەر خىل بولۇشى، ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان پىلان – لايىھەلەرنىڭ سانى ۋە ئالاھىدىلىكىنى بېيىتماقتا. كۈنسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ دائىرىسى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تاقابىل تۇرۇش كۈچىنىڭ زورىيىشىنىمۇ تەقەززا قىلماقتا.

يېقىنقى 15 يىل ئىچىدە تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان مۇداپىئە سىستېمىلىرى ۋە ئوق – دورىلار ھەم ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشى تەخمىنەن 15 ھەسسە كۆپەيدى. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قورال – ياراغلارنى ئۆزىنىڭ مىللىي ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل بولدى. 2013 – يىلدىن بۇيان دۆلەت مۇداپىئەسى مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىۋاتقان 450 تۈرك شىركىتى 177 دۆلەتكە سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇلتۇر تۈركىيە 2 مىليارد دوللارلىق مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئېكسپورت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن، ساھەنىڭ ئالەم قاتنىشى بىلەن بىرلىكتە قولغا كەلتۈرگەن كىرىمى 6 مىليارد دوللارغا يەتتى. 2002 – يىلى % 80 بولغان چەت ئەلگە بېقىنىش نىسبىتى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە % 35 كە چۈشتى.

بىرونىۋىكلار، قىسقا ۋە ئوتتۇرا مۇساپىلىق راكېتامىيوت سىستېمىلىرى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپاراتلىرى، دېڭىز – ئوكيانلاردا ئىشلىتىلىدىغان ھەربىي ئەسلىھەلەر ۋە بۇلارغا ماس كېلىدىغان ئوق – دورىلارنى كەڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش، چەت ئەلگە بېقىندىلىقنىڭ ئازىيىشىدىن سىرت يەنە، مىللىي مۇداپىئە سىستېمىلىرىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ قامدىلىشى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، ئەلۋەتتە.

بۇ ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن ئامىل بولسا، ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن تۈركىيەگە قورال - ياراغ ۋە تېخنولوگىيە سېتىپ بېرىش مەسىلىسىدە ۋەدىسىدە تۇرماسلىقى ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكى بولدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ناچار قوشنا بىزنى ئۆيگە ئىگە قىلدى» دەپ ئاتىغان باسقۇچتا تۈركىيە دۇنياغا داڭلىق قورال - ياراغ ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاكتىيورلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بولۇپمۇ ئىراق ۋە سۈرىيە سەۋەبچى بولۇۋاتقان بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىدە ناتو ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق بەلگىلىمىرىگە ئاساسەن تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ھەم چېگرا مۇداپىئەسىنى قوغداشقا ئالاقىدار ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلماسلىقى، ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرىنىڭ تۈركىيەنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە يول قويۇلماسلىقى، جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش لايىھەلىرىنىڭ ئاستىلىتىلىشى قاتارلىق ئامىللار تۈركىيە – شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا جىددىي ئىشەنچ كىرىزىسىنى تۇغدۇردى.

نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان « Defense News Top 100» شىركەتلەر  ئارىسىدا 3 تۈرك شىركىتىمۇ بار. يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىدارى يۈكسەلگەنسېرى بۇ شىركەتلەرگە بولغان تەلەپلەرمۇ شۇنچە كۆپەيمەكتە. ئەڭ ئاخىرىدا مىللىي ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ۋە «ئاتاق» ناملىق چارلاش تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى پاكىستانغا سېتىپ بېرىش ئۈچۈن پاكىستان – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئۈچۈن تۈركىيە - مالايشىيا ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلدى.

بۇلتۇر «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتتە زەپەرلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان «ئالتاي» تانكىلىرى كەڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلاندى. بۇلار ئۈچۈن يەرلىك موتور تېخنولوگىيەسى پائالىيەتلىرىمۇ كەڭ دائىرىدە داۋاملاشماقتا. «ئاتىلغان»، «زىپقىن» ناملىق قىسقا مۇساپىلىق ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرى تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئىشلىتىلمەكتە ھەمدە ئوتتۇرا تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى «ھىسار ئا» لايىھەسىنىڭ 2020 – يىلىغا بارغاندا كەڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىلىشى كۈتۈلمەكتە.

تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا قۇراشتۇرغىلى بولىدىغان «جىرىت» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئافرىننى تېررورسىتلاردىن تازىلاش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىدە تۈركىيە ئارمىيەسىگە ناھايىتى زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

بىراق يەرلىك ۋە مىللىي مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي مىللىي تېخنولوگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئىشلەپچىقىرىشى قىسقا مەزگىللىكتىنمۇ بەكرەك ئۇزاق مەزگىللىك پىلاندەك قىلىدۇ. دەرۋەقە، پۇل – مۇئامىلە ۋە تېخنولوگىيە ساھەلىرىدە قىسمەن چەكلىمىلەر قويۇلۇۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئالدىدا بېسىشقا تېگىشلىك ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپە باردۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مۇنۇ نۇقتىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ: دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كۈچلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر دۆلەتنىڭ باشقىلىرى بىلەن ئۆزئارا بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى بار. ئامېرىكا ۋە رۇسىيەدىن قالسا مۇداپىئە سىستېمىلىرىدا چەت ئەلگە بېقىندى بولۇپ قالمىغان ھېچقانداق بىر دۆلەت يوق. ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە تېخنولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى جەھەتتىن تۈركىيەنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن رەقىب بولۇشى قولاي ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن، كەڭ جامائەتچىلىك تۈركىيەدىن ئۇزاق مەزگىللىك ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىك تېخنولوگىيە ئىشلەپچىقىرىشىنى قىسقا مەزگىلدە ئەمەس، ئۇزاق مەزگىلدە كۈتۈشى كېرەك. چۈنكى، قىسقا مەزگىلدە كۈتۈش رېئاللىقتىن ھالقىپ كەتكەنلىكتۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى زور مىقداردا مەبلەغ سېلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ مىللىي مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئەنقەرەنىڭ رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك نىشانلىرىغا يېتىشتە ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدىغان ساھەلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر