زەيتۇن شېخى ھەرىكىتىنىڭ 12-كۈنىدە يەتتە ئىستراتېگىيەلىك جاي تېررورىستلاردىن تازىلاندى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىن رايونىدا پ ك ك/ ك ج ك/پ ي د-ي پ گ ۋە دائېش تېررورىستلىرىنى يوقىتىپ، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ھەمدە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن باشلىغان «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ 12-كۈنىدە جەمئىي 27 نۇقتا تېررورىستلاردىن تازىلاندى.

901142
زەيتۇن شېخى ھەرىكىتىنىڭ 12-كۈنىدە يەتتە ئىستراتېگىيەلىك جاي تېررورىستلاردىن تازىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىن رايونىدا پ ك ك/ ك ج ك/پ ي د-ي پ گ ۋە دائېش تېررورىستلىرىنى يوقىتىپ، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ھەمدە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن باشلىغان «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» دائىرەسىدە، ئافرىننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ئەين باتمان تېغى، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/ پ ك ك دىن تازىلاندى.

تۈركىيە ئارمىيە قىسىملىرى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئافرىنغا قاراپ داۋاملىق ئىلگرىلىمەكتە. تۈنۈگۈن (31-يانۋار) كەچتە ئافرىننىڭ راجۇ بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ئەين باتمان تېغى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قايتۇرۇۋېلىندى. شۇ كۈنى كۈندۈز ۋاقىتلىرىدا، ئافرىننىڭ شىمالىدىكى بۇلبۇل بازىرىغا قاراشلىق باك ئۇباسى يېزىسى بىلەن ئەتراپىدىكى كۇرنى تېغى تېررورىستلاردىن قايتۇرۇۋېلىنغان ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن، «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ 12-كۈنىدە ئافرىننىڭ بەش جايىدا 19 يېزا، بىر ئاھالىلەر رايونى، يەتتە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تاغ ۋە ئېگىزلىك بولۇپ، جەمئىي 27 نۇقتا تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر