ئافرىندىكى پ ك ك / پ ي د تېررورچىلىرى بۈگۈن يەنە كىلىسقا راكېتامىيوت ئاتتى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك نىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى ئەزالىرى تۈركىيەنىڭ چېگرا بويىدىكى كىلىس شەھىرىگە راكېتامىيوت ئېتىپ، 4 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

901845
ئافرىندىكى پ ك ك / پ ي د تېررورچىلىرى بۈگۈن يەنە كىلىسقا راكېتامىيوت ئاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك ئەزالىرىنىڭ بۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى 17 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئىشغالى ئاستىدىكى جايلاردىن ئاتقان راكېتامىيوت ئوقلىرىنىڭ بىرى بىر ئىش ئورنىغا، يەنە بىرى ئۆيگە تەگدى.

سەھىيە خادىملىرى مەزكۇر ئىش ئورنىدا يارىلغان 4 كىشىنى كىلىس دۆلەت دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئالدى.

كىلىس ۋالىيسى مەھمەت تەكىنئارسلان، «ئىككى راكېتامىيوت بىر ئۆي بىلەن بىر ئاشخانىغا چۈشۈپ، 4 ئادەم يارىلاندى» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇ جەريانىدا، تۈركىيە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى راكېتامىيوت ئېتىلغان جايلارنى ئېنىقلاپ چىقىپ، قايتۇرما زەربە بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر