ئەردوغان فاتوش ئاۋلارنىڭ ئائىلىسىگە تېلېفون ئېلىپ تەزىيە بىلدۈردى

سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىنى ئىشغال قىلىۋالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د – ي پ گ تۈنۈگۈن خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا 7 قېتىم راكېتامىيوت ئاتتى.

901162
ئەردوغان فاتوش ئاۋلارنىڭ ئائىلىسىگە تېلېفون ئېلىپ تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پ ك ك / پ ي د – ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىگە راكېتامىيوت ئېتىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان 17 ياشلىق فاتوش ئاۋلارنىڭ ئائىلىسىگە تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈردى. ئۇ، شېھىتلەرنىڭ قانلىرىنىڭ يەردە قالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىنى ئىشغال قىلىۋالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د – ي پ گ تۈنۈگۈن خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا 7 قېتىم راكېتامىيوت ئاتتى.

ھۇجۇمدا 17 ياشلىق بىر قىز ھاياتىدىن ئايرىلدى، 1 كىشى يارىلاندى؛ ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان فاتوش ئاۋلار رەيھانلىدا يەرلىككە قويۇلدى.

رەيھانلىغا ئېتىلغان راكېتامىيوت ئوقلىرىدىن بىرى دەگىرمەن قارشى مەھەللىسىدىكى بىر ئۆيگە تەگدى. رايونغا كۆپ ساندا ساقچى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئەۋەتىلدى.

دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

پ ي د / پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ خاتاينىڭ قىرىقخان ناھىيەسىگىمۇ راكېتامىيوت ئاتتى؛ ئافرىن تەۋەلىكىدىن ئېتىلغان راكېتامىيوت پەرىشان مەھەللىسى بىلەن سۈرىيە چېگراسىنىڭ نۆل نۇقتىسىدىكى تاشلاندۇق يەرگە چۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر