دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى يىغىنىدا مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى

دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا 9.4 مىليارد دوللارلىق 55 لايىھە قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

901243
دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى يىغىنىدا مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچىلىكىدە بەشتەپە سارىيىدا چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «يىغىندا، سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى تېررورچىلارنى تازىلاش مەقسىتىدە تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان <زەيتۇن شېخى> ھەربىي ھەرىكىتىدە ئارمىيەمىز ھەم دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىزنىڭ كۈچىگە كۈچ قېتىۋاتقان يەرلىك ۋە مىللىي مۇداپىئە سىستېمىلىرىمىزغا يېڭىلىرىنى ئىلاۋە قىلىشقا قارىتا لايىھەلەر كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، بىرقاتار مۇھىم قارارلار چىقىرىلدى. .4 مىليارد دوللارلىق 55 لايىھە توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان يىغىندا يەنە، دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش ۋە كەڭ دائىرىدە قوللەش مەقسىتىدە تۈرلۈك سېلىنما ۋە تەرەققىيات پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش توغرىلىقمۇ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر