تۈركىيە ئەدەندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى كىرىزىسنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، يەمەننىڭ ئەدەن شەھىرىدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى مەسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمەسلىككە چاقىردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، يەمەننىڭ ئەدەن شەھىرىدىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق قىسىملار بىلەن بەزى بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار توغرىسىدا بايانات بېرىپ، تەرەپلەرنى دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى كىرىزىسلىرىغا چارە تېپىش مۇساپىسىنى تېخىمۇ چىگىشلەشتۈرۈۋېتىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشتىن يىراق تۇرۇشقا چاقىردى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كۆپ ساندا ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان توقۇنۇشلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە «يەمەندە ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرى ۋە مەھەللىي ئامىللارنى چۆرىدىگەن ھالدا سىياسىي چارە تېپىپ، قانۇنلۇق دۆلەت نوپۇزىنىڭ پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا قايتىدىن تەسىس قىلىنىشى سايىسىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
باياناتتا يەنە، «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يەمەننىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللاشنى، قانۇنىي تەرەپنىڭ سېپىدە تۇرۇشنى ۋە قېرىنداش يەمەن خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.