زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 9 - كۈنىدە 73 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار سانىنىڭ 557 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

899095
زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 9 - كۈنىدە 73 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، ھەرىكەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇرسەيا تېغى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د دىن قايتۇرۇپ ئېلىنغان 9 – كۈنىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا، پەقەت بۈگۈن (تۈنۈگۈن يەكشەنبە) بىر تەرەپ قىلىنغان تېرروچى سانىنىڭ 73 ئىكەنلىكى، بىر تەرەپ قىلىنغان جەمئىي تېررورچىلار سانىنىڭ 557 گە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، تۈركىيەنىڭ 13 ئۇرۇش ئايروپىلانى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان بومباردىماندا، پ ك ك/ ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تەۋە 20 نىشانغا زەربە بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر