زەيتۇن شېخى ھەرىكىتىدە616 تېررورىست يوقىتىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بۈگۈن (29-يانۋار) ئېلان قىلغان باياناتىدا، 616 تېررورىست ۋە توققۇز نۇقتىنىڭ يوقىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

899532
زەيتۇن شېخى ھەرىكىتىدە616 تېررورىست يوقىتىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا: «ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانلىرىدا پ ك ك، ك ج ك، پ ي د-ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پاناھلىنىش جايلىرى، قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرى ۋە ھەربىي نۇقتىلىرىدىن تەشكىل تاپقان توققۇز نۇقتا بىتچىت قىلىندى. ھەرىكەتكە قاتناشقان ئايروپىلانلار ۋەزىپىسىنى غەلىبىلىك تاماملاپ، بىخەتەر ھالدا بازلىرىغا قايتتى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«ھەرىكەتنىڭ پىلانلاش ۋە ئىجرا قىلىش باسقۇچلىرىدا پەقەت تېررورىستلار ھەمدە ئۇلارنىڭ پاناھلىنىش جايلىرى، ھەربىي نۇقتىلىرى، قورال-يارا ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللىرىنى بىتچىت قىلىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، پۇقرالار، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىگۇناھ كىشىلەر ۋە مۇھىتنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلمەكتە» دېيىلدى.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا: «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى پىلان قىلىنغان بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋام قىلماقتا» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر