تېررورچىلار كىلىس ۋىلايىتىگە راكېتامىيوت ئوقى ئاتتى

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك – پ ي د  تېررورچىلىرى تۈركىيەنىڭ كىلىس ۋىلايىتىگە راكېتامىيوت ئوقى ئاتتى.

899367
تېررورچىلار كىلىس ۋىلايىتىگە راكېتامىيوت ئوقى ئاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك – پ ي د  تېررورچىلىرى تۈركىيەنىڭ كىلىس ۋىلايىتىگە راكېتامىيوت ئوقى ئاتتى.

تېررورچىلار ئاتقان راكېتامىيوت ئوقى كىلىسنىڭ ئۆنجۈپىنار مەھەللىسىدىكى زەيتۇنلۇققا چۈشتى. بۇ ۋەقە چۈشتىن كېيىن سائەت 2 يېرىمدا يۈز بەردى.

ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بەرمىگەن بۇ ۋەقەدە ساقچىلار نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

تۈركىيە ئارمىيەسى ۋەقەدىن كېيىن سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك- پ ي د نىڭ نۇقتىلىرىغا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلدى.

ھاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدىكى گۈلتەپە مەھەللىسىدىكى بىر قۇرۇق يەرگىمۇ راكېتامىيوت ئوقى چۈشتى. ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن بۇ ۋەقەدە ساقچىلار بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر