ئەردوغان: ... باش قوماندان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئافرىنغا ئالدى بىلەن مەن بارىمەن

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدە جەمئىي 7 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

898802
ئەردوغان: ... باش قوماندان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئافرىنغا ئالدى بىلەن مەن بارىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ ئاماسيا ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيىدىن ئىلگىرى خەلقكە خىتاب قىلدى، ئارقىدىن قۇرۇلتايدا سۆز قىلدى. بۇرسەيا تۆپىلىكىنىڭ تېررورچىلاردىن ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ھەرىكەت جەريانىدا 7 سى تۈركىيە ئەسكىرى، 13 ى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئەسكىرى بولۇپ جەمئىي 20 كىشىنىڭ شېىھت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەردوغان، ياۋروپا پارلامېنتىدا تۈركىيە ئارمىيەسىگە تىل ئۇزارتقانلارنىڭ بولۇشىغا قارىماي بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بەزى خۇدىنى بىلمەيدىغانلار مېنىڭ ئەسكىرىمنى ئىشغالچى دېمەكتە. ئۇ سىلەرگە يارىشىدۇ. ئافرىقىدا نېمە ئىشلارنى قىلدىڭلار، تېخى سىلەرگە دەيدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىمىز بار. سىلەرنىڭ تارىخىڭلار ئىشغال قىلىش، مۇستەملىكە قىلىشلار بىلەن تولۇپ ياتىدۇ. بۇ مىللەتنىڭ تارىخىدا ئىشغال يوق، ئادالەت، مەرھەمەت بار. بۇ ئەخلاقسىزلار گېرمانىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى جامەلىرىمىزگە، پۇقرالىرىمىزغا ھۇجۇم قىلدۇرۇپ، ساقچىلىرى بىلەن بىرلىكتە تاماشا قىلىپ تۇرۇشماقتا» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىنىدا كۆز قىرىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «3 يېرىم مىليون سۈرىيەلىك بىزنىڭ زېمىنىمىزدا مېھمان. ئۇلارنى ئۆيلىرىگە يوللاشنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىۋاتىمىز. 2 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق ساھەنى كونتروللۇقىمىز ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتىمىز. 130 مىڭ مۇساپىر 2 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق ساھەگە قايتتى. ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن مەھمەدىم (تۈركىيە ئارمىيەسى) بىرلىكتە ئىلگىرىلمەكتە. ئېھتىياج توغۇلغان تەقدىردە باش قوماندان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئالدى بىلەن مەن، ئاندىن سىلەر ئارقامدىن كېلىسىلەر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان، قەھرىمان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن فىرات قالقىنى ھەرىكىتى رايونىدا، بۈگۈن بولسا، ئافرىندا داستان يازغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر