تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يالغان رەسىم بىلەن تەتۇر تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

تۈركىيەنىڭ ئافرىن ھەرىكىتى جەريانىدا تارتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن يەنە 3 رەسىمنىڭ يالغانلىقى ئىسپاتلاندى.

898210
تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يالغان رەسىم بىلەن تەتۇر تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى
sivil kiyafetler.jpg
pkk afrin fotograflari2.jpg
pkk afrin fotograflari1.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/پ ك ك تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىندىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى باشلىغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق قارىلاش مەقسىتىدە باشقا يەر ۋە باشقا ۋاقىتلاردا تارتىلغان، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە تانكىلار كۆيۈپ كېتىۋاتقان  يالغان رەسىملەرنى ئىشلەتمەكتە.

تۈركىيەنىڭ ئافرىن ھەرىكىتى جەريانىدا تارتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن يەنە 3 رەسىمنىڭ يالغانلىقى ئىسپاتلاندى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى ئافرىندا ي پ گ تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلدى» دەپ تارقاتقان رەسىمنىڭ ئەسلىدە، 2015 – يىلى 16 – مارتتا مالايشىيادا چۈشۈپ كەتكەن بىر مەشىق ئايروپىلانىنىڭ رەسىمى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

«تۈركىيە تانكىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى» دەپ تارقاتقان رەسىمنىڭمۇ 2011 – يىلى 23 – مارتتا لىۋىيەدە ئوت كەتكەن بىر تانكىنىڭ رەسىمىي ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

«تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئافرىندا گۆرۈگە ئېلىندى» دەپ تارقاتقان رەسىمنىڭ بولسا، 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىدىن كېيىن تارتىلغان رەسىم ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. 

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى تۈركىيەنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەرىكىتىنى قارىلاش سەپەرۋەرەلىكىدە ئىشلتىلگەن رەسىملەرنىڭ باشقا جاي ۋە باشقا ۋاقىتتا تارتىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققاندىن كېيىن، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يېقىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرى ئۆچۈشكە باشلىدى.

ئىنېترنېت بەتلىرىدىن ئۇدۇل كەلگەنلا رەسىملەرنى ئىشىتلىتىشنى باشلىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھەتتا ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ 2016 يىللىق فوتو - سۇرەت مۇكاپاتىدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن رەسىمىنىمۇ ئافرىندا تارتىلغان رەسىم دەپ تارقاتقان ئىدى.

بۇ ئارىلىقتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ غەلىبىلىك ھەرىكىتى بىلەن بۇلۇڭغا قىستىلىشقا باشلىغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/پ ك ك نىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرى باشقا يېڭى تەتۇر تەشۋىقات يوللىرىنى ئىزدەنمەكتە.

رايوندىكى ئامانلىقنى ساقلاش مەنبەرلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرى تەتۇر تەشۋىقات ۋە خەلق ئاممىسىنى ئالداش مەقسىتىدىكى ئۇرۇنۇشلىرى دائىرىسىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا پۇقراچە كىيىم كەيدۇرۇپ، يوشۇرۇشقا تىرىشىش ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدىكى يېزا - قىشلاقلاردىكى ئۆيلەرنى بېكارلاپ، پۇقراچە كېيىنگەن تېررورچىلارنى شۇ يەرلەرگە ئۇرۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى مۇداپىئە قىلىش بۇيرۇقى بەرمەكتە.

تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ھەرىكەت باشلانغان تۇنجى كۈندىن بېرى پۇقرالارنى تېرىك قالقان سۈپىتىدە سۇيىئىستېمال قىلىشقا باشلىغان، بىراق بۇ پىلانلىرى ئىشقا ئاشمىغاندىن كېيىن، باشقا يېڭى يوللارنى ئىزدەپ، ھەتتا بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆزلىرى بومبىلىغاندىن كېيىن، بۇنى تۈركىيە ئارمىيەسىگە ئارتىپ قويۇپ، تەتۇر تەشۋىقات قىلىشقا يۈزلەنگەنلىكى ھەققىدە مۇلۇماتلار كەلمەكتە.   

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر