تۈركىيە ئارمىيەسى: 303 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى تېررورچىلارغا قارشى باشلىغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ھازىرغىچە 303 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
896965
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 6 – كۈنىدە 6 نىشاننى يوقىتىپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا، ھەرىكەتنىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.