تېررورسىتلارنىڭ ئافرىندىن ئاتقان راكېتامىيوت ئوقى جامەگە چۈشتى

تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن سۈرىيەدىن ئېتىلغان راكېتامىيوت ئوقى كىلىستىكى بىر جامەگە چۈشۈپ 2 كىشى قازا قىلدى.

896607
تېررورسىتلارنىڭ ئافرىندىن ئاتقان راكېتامىيوت ئوقى جامەگە چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىلىس ۋالىيسى مەھمەت تەكىنئارسلاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د تەرىپىدىن ئېتىلغان ۋە كىلىسكە چۈشكەن راكېتامىيوت ئوقىدا 2 كىشى قازا قىلغان، 11 كىشى يارىلانغان.

بىر جامەگە چۈشكەن راكېتامىيوت ئوقىدا يارىلانغانلاردىن 2 سىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر، ئەمما ئۆيلەرگە چۈشكەن راكېتامىيوت ئوقىدا يارىلغانلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا كۆپ ساندا قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلگەن. تۈركىيە ئارمىيەسى بۇنىڭغا قارىتا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نىشانلىرىنى «بوران – چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر بىلەن توپقا تۇتۇش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر