دۇبلىندە پ ك ك تەرەپدارلىرى تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى

تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان تەخمىنەن 40 كىشىلىك تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرى ئەلچىخانا ئەتراپىدا ئىرلاندىيە ساقچىلىرى قوشۇمچە تەدبىرلەرنى ئالغاندىن كېيىن تارقىلىپ كېتىشتى.

897091
دۇبلىندە پ ك ك تەرەپدارلىرى تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك نىڭ قوللىغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ دۇبلىندىكى ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى.

تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئىرېلاندىيەنىڭ پايتەختى دۇبلىننىڭ راگلان يولىغا جايلاشقان تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا تەخمىنەن 40 كىشىلىك تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىرېلاندىيە مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەلچىخانا باغچىسىغا كىرگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەبدارلىرى ئەلچىخانا بىخەتەرلىكىنى قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن سىرتقا قوغلاپ چىقىرىلغان.   تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان بەزى ماتېرىياللارنى كۆتۈرۈشۈۋالغان تېررورلۇق تەرەبدارلىرى ئەلچىخانا بىناسىنىڭ ئەتراپىدا مەلۇم مەزگىلگىچە ئايلىنىپ شوئارلارنى توۋلىغان. 

ۋەقە تەخمىنەن 45 مىنۇت داۋاملاشقان ۋە ئىرېلاندىيە ساقچىلىرى ئەلچىخانا ئەتراپىدا قوشۇمچە تەدبىرلەرنى ئالغاندىن كېيىن تارقىلىپ كېتىشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر