ئەردوغان ماكرون ۋە پۇتىن بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا تېلېفوندا كۆرۈشتى.

895710
ئەردوغان ماكرون ۋە پۇتىن بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى
erdogan macron erdoğan macron

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئەردوغان بىلەن ماكرون سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە تۈركىيەنىڭ ئافرىندىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش مەقسىتىدە باشلىغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ مەزكۇر ھەربىي ھەرىكەتنى خەلقئارا قانۇننىڭ روھى، ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك شەرتنامىسىنىڭ 51 – ماددىسى شۇنداقلا يوللۇق قوغدىنىش ھوقۇقى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھۆججەتلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ماكرونغا زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ھەربىي ھەرىكەتتە پۇقرالارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۈچلۈك چارە – تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىككى رەھبەر، سۈرىيە مەسىلىسىگە چارە تېپىش تىرىشچانلىقلىرى توغرىسىدا ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە يېقىن ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇش بويىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئارقىدىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى؛ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئافرىن رايونىدىكى پ ي د / ي پ گ ۋە دائېش ئۇنسۇرلىرىنى تازىلاشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىشنى نىشان قىلغان بۇ ھەرىكەتنىڭ سۈرىيەنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىشقا كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، سۈرىيە مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىككى رەھبەر، رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سۈرىيە مىللىي دىيالوگ قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشى ۋە سىياسىي چارىلەرنىڭ يولىنىڭ داغداملاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر