تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن سۈرىيەدىن ئېتىلغان راكېتامىيوت ئوقى كىلىسكە چۈشتى

سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د تەرىپىدىن ئېتىلغان ۋە كىلىسكە چۈشكەن راكېتامىيوت ئوقىدا 2 كىشى قازا قىلدى، 11 كىشى يارىلاندى.

896511
تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن سۈرىيەدىن ئېتىلغان راكېتامىيوت ئوقى كىلىسكە چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىلىس ۋالىيسى مەھمەت تەكىنئارسلاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر جامەگە چۈشكەن راكېتامىيوت ئوقىدا يارىلانغانلاردىن 2 سىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر، ئەمما ئۆيلەرگە چۈشكەن راكېتامىيوت ئوقىدا يارىلغانلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا كۆپ ساندا قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلگەن. تۈركىيە ئارمىيەسى بۇنىڭغا قارىتا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نىشانلىرىنى «بوران – چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر بىلەن توپقا تۇتۇش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر