ئەردوغان ماكرون بىلەن سۈرىيە ۋە ئافرىن ھەرىكىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

895562
ئەردوغان ماكرون بىلەن سۈرىيە ۋە ئافرىن ھەرىكىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئەردوغان بىلەن ماكرون سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ۋە تۈركىيەنىڭ ئافرىندىكى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش مەقسىتىدە باشلىغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ مەزكۇر ھەربىي ھەرىكەتنى خەلقئارا قانۇننىڭ روھى، ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك شەرتنامىسىنىڭ 51 – ماددىسى شۇنداقلا يوللۇق قوغدىنىش ھوقۇقى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھۆججەتلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ماكرونغا زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ھەربىي ھەرىكەتتە پۇقرالارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۈچلۈك چارە – تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىككى رەھبەر، سۈرىيە مەسىلىسىگە چارە تېپىش تىرىشچانلىقلىرى توغرىسىدا ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە يېقىن ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇش بويىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر