سۈرىيەدە يەنە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى...

زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدە شېھىت بولغان ئەسكەر سانى 3 كە يەتتى.

895573
سۈرىيەدە يەنە بىر ئەسكەر شېھىت بولدى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ئافرىن شەھىرىدىكى تېررورچى ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش مەقسىتىدە باشلانغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدە شېھىت بولغان ئەسكەر سانى 3 كە يەتتى.

زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، قەيسەرى بىرىنچى بىرىگادادا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفېتسېرى مەھمەت مۇراتداغى ئافرىن ئەتراپىدىكى توقۇنۇشتا يارىلىنىپ بالنىستقا ئېلىنغان بولسىمۇ، دوختۇرلارنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرى ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.

زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدە بۇنىڭدىن ئىلگىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفېتسىرى ئوغۇز كائان ئۇستا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە سېرژانتى مۇسا ئۆزالقان شېھىت بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر