زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ مۇددىتىنى تۈركىيە ئۆزى بەلگىلەيدۇ

مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىر بوزداغ زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ مۇددىتىنى تۈركىىيە ئۆزى بەلگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

894667
زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ مۇددىتىنى تۈركىيە ئۆزى بەلگىلەيدۇ

مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىر بوزداغ ئافرىندىكى زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا نورمال پۇقرالارنىڭمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقى توغرىسىدا چىققان خەۋەرلەرنىڭ تەتۈر تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكىتىمىزنىڭ  مەقسىتى  پ ك ك –ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىشتىن ئىبارەت، بىز ئافرىندىكى نورمال پۇقرالارغا زىيان تېگىپ قالماسلىق ئۈچۈن تولىمۇ دىققەت قىلىۋاتىمىز، بىز ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى ئالدۇق. بۇ جەھەتتە تۈركىيە باشقا دۆلەتلەرگە ئۆرنەك بولالايدۇ.»

بوزداغ تۈركىيە قىزىلئاي ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ ئافرىن خەلقىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بەكىر بوزداغ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوزغىغانلىقىنى ئېيتتى.

بوزداغ ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تەۋە ئىسكىلات، بازا، قونالغۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

بوزداغدىن ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا   بەرگەن باياناتلىرى ھەققىدىمۇ سوئال سورالدى.

ھۆكۈمەت باياناتچىسى بوزداغ: زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ مۇددىتىنى تۈركىيە ئۆزى بەلگىلەيدۇ،بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكىتىمىز رايوندا ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغۇچە داۋاملىشىدۇ، دېدى.

بەكىر بوزداغ پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ قولىدىكى دائېش تېررورچىلىرىنى تۈركىيەگە قارشى جەڭ قىلىش شەرتى بىلەن قويۇپ بەرگەنلىكلىرىنىمۇ  بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر