ئافرىننىڭ 11 يېزىسى تېررورىستلاردىن تازىلاندى

20-يانۋار باشلانغان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرەسىدە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئافرىندىكى توققۇز يېزىنىڭ تېررورىستلاردىن تازىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

894318
ئافرىننىڭ 11 يېزىسى تېررورىستلاردىن تازىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىنى تېررورىستلاردىن تازىلاش مەقسىتىدە باشلانغان «زەيتۇن شېخى» ھەرىكىتى دائىرەسىدە، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك، پ ي د، ي پ گ ۋە دائېش كونتروللۇقىدىكى جايلارنى قايتۇرۇۋالدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىللىرى، ئالاھىدە ۋە پىيادە قىسىملار ئافرىن تەۋەلىكىدە بەش كىلومېتىر ئىچكىرلەپ كىردى. ئافرىن تەۋەلىكىدىكى 11 يېزا قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا پ ك ك، پ ي د-ي پ گ ۋە دائېش تېررورىستلىرىدىن تازىلاندى. ھەرىكەت دائىرەسىدە، 198 نۇقتا بىتچىت قىلىندى.

ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاكار ھاتايغا بېرىپ، سۈرىيە چېگراسىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. سۈرىيە چېگراسىغا ھەربىي قورال-ياراغلارنى يۆتكەش داۋام قىلماقتا.

دەسلەپكى قەدەمدە تېررورىستلاردىن تازىلانغان رايونلاردا 30 كىلومېتىر ئىچكىرلەپ كىرىلگەندىن كېيىن، «بىخەتەرلىك كارىدورى» قۇرۇلىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئافرىندە تېررورىستلارنىڭ كىچىك بالىلارنى مەكتەپتىن گۆرۈگە ئېلىپ، مەجبۇرىي ئۇرۇشقا سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر