«زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىسى ئافرىن رايونىدىكى پ ي د / پ ك ك ۋە دائېشقا قارشى باشلىغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى.

893404
«زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، ھەرىكەت دائىرىسىدە ھازىرغىچە پ ك ك / پ ي د ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ 153 ئورنىغا زەربە بېرىلگەنلىكىنى، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ پىلان بويىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خاتاي ئاسمىنىدىن ئاۋازلىرى ئاڭلىنىۋاتقان تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بۈگۈن ئەتىگەن ئافرىندىكى تېررورچىلارنىڭ ئورۇنلىرىنى يەنە بىر قېتىم بومباردىمان قىلدى. رايوندىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق ئىس – تۈتەكلەر چېگرادىكى مەھەللىلەردىنمۇ كۆرۈندى، شىددەتلىك پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى.

چېگراغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈركىيە ئەسكەرلىرىمۇ پ ي د / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىشغال قىلىۋالغان جايلارنى توپقا تۇتتى. كىلىس – خاتاي چېگراسى بويىدىكى بەزى يېزىلاردىنمۇ زەمبىرەك ئاۋازلىرى ئاڭلاندى.

ھەرىكەت دائىرىسىدە تۈركىيە ئارمىيەسىگە ھەمدەم بولۇۋاتقان ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسىمۇ ئافرىن تەۋەلىكىدىكى ئىلگىرىلىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەربىي رايونلاردىن كىلىسقا تانكا ۋە بىرونېۋىكلىك خادىملارنى يۆتكەش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا. ھەربىي ئاپتوموبىللار ئۆتكەن يول بويىدىكى خەلق ھەربىيلەرگە بولغان مېھرى – مۇھەببىتىنى ئىپادىلەشمەكتە.

ئافرىن تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، تېررورچىلارنىڭ ئىككىنچى بىر ئۇۋىسىغا ئايلانغان مۇنبىچتىمۇ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر