يىلدىرىم ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە ئافرىن ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

893303
يىلدىرىم ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى باشلىقى دەۋلەت باھچەلى بىلەن چانقايا سارىيىدا كۆرۈشۈپ، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ تىنچلىق، خاتىرجەملىك، ئامان – ئېسەنلىك يارىتىشنى نىشان قىلغان بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دەۋلەت باھچەلى بولسا، «بىر تەرەپتىن دىپلوماتىيە، بىر تەرەپتىن قوراللىق كۈچلەر، بىر تەرەپتىن جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈش جەھەتتە ياخشى پىلانلانغان بىر ھەربىي ھەرىكەت ئىكەنلىكى دىققەتنى تارتماقتا. بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر ھەرىكەت بولۇپ، ئىسمىمۇ، دائىرىسىمۇ (چوڭقۇر) مەنىگە ئىگىدۇر» دېدى.

باش مىنىستىر يىلدىرىم بولسا، «مەسىلە مەملىكەت بولسا، قالغان ئىشلار ۋارىيانتتۇر» دېگەن چۈشەنچىسى ئۈچۈن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى باشلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى باشلىقى كەمال قىلىچدارئوغلۇغىمۇ تېلېفون ئېلىپ، ھەرىكەت توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

قىلىچدارئوغلۇ، «ئاللاھ ئافرىندا جەڭ قىلىۋاتقان ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ياردەمچىسى بولسۇن» دەپ دۇئا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر