ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى تۈركىيەنىڭ «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىگە ماسلاشتى

تۈركىيە ئارمىيەسى، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى پ ك ك/ پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئائىت نىشانلارغا بىر – بىرلەپ زەربە بەرمەكتە.

893273
ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى تۈركىيەنىڭ «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىگە ماسلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى تارقاتقان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ھەربىي ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلغان 72 ئايروپىلان تېررورچىلارنىڭ 108 نىشانىنى يوقىتىپ تاشلىغان.

تېررورچىلار تەرىپىدىن ئافرىندىكى دوختۇرخانىلارغا كەلتۈرۈلگەن ئۆلۈك ۋە يارىدارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پ ي د / پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلار ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، پ ي د / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى مىننىغ ھەربىي بازىسىنىمۇ بومباردىمان قىلىپ، تېررورچىلارنىڭ ئىستىھكام، تونېل ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى.

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىمۇ قۇرۇقلۇقتىن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى؛ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يازما باياناتىدا، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگراسىدا ۋە رايوندا بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئافرىندا پ ك ك / ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى يوقىتىپ تاشلاپ، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بۇلارنىڭ بېسىم ۋە زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن باشلىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى. زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ باشلىشىدىن كېيىن سۈرىيە تەرەپتىن ئېتىلغان 4 دانە گىراناتاميوت ئوقى كىلىس شەھەر مەركىزىگە چۈشتى؛ ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى، ئەمما بىر كىشى يېنىك يارىلاندى.

كىلىسنىڭ سۈرىيە چېگراسىغا جايلاشقان بەزى جايلىرى 15 كۈن بويىچە ئالاھىدە بىخەتەرلىك رايونى ئېلان قىلىندى.

تۈركىيە مىقياسىدىكى 90 مىڭ جامەدە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىگە ئۇتۇق تىلەپ دۇئا قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر