تۈركىيە «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىگە ئالاقىدار دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى كۈچەيتتى

ئافرىنغا قارىتىلغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن تەڭ دىپلوماتىك خىزمەتلەرنىڭ سۈرئىتىمۇ ئاشتى.

893311
تۈركىيە «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىگە ئالاقىدار دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى كۈچەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەگە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلىپ، ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى سەدات ئۆنال، قاتار، كۇۋەيت ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باش ئەلچىلىرىگە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدۇ.

باش ئەلچىلەرگە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، تۈركىيەنىڭ قانۇنىي قوغدىنىش ھوقۇقى ئىكەنلىكى، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تۈپ نىشانىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك – پ ي د نى يوقىتىپ تاشلاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلىدۇ.

ھەربىي ھەرىكەتنىڭ دەسلەپكى كۈنىدە ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلىپ مەلۇمات بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر