ئەردوغان سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارنى ئازغىنە ۋاقىتتا ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئەردوغان: «ئەتە ياكى ئۆگۈن، قىسغىنە ۋاقىتتا ئافرىن ۋە مۇنبىچتىن باشلىغانچە سۈرىيەدىكى باشقا تېررورچىلارنىڭ بارلىق ئۇۋىلىرىنىمۇ بىر - بىرلەپ ۋەيران قىلىمىز. بۇنىڭغا ئىتتىپاقداشتەك كۆرۈنۈپ، بىزنى ئارقىمىزدىن خەنچەرلىمەكچى بولغانلارنىڭ توسالغۇ بولالمايدۇ

889605
ئەردوغان سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارنى ئازغىنە ۋاقىتتا ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى قىسقىغىنە ۋاقىتتا ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى پ ي د بىلەن بىرلىكتە تېررورلۇق ئارمىيەسى قۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ رايوندا تېررورلۇق كارىدورى شەكىللىنىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«تۈنۈگۈن ئىراقتا ئوينالغان ئويۇننى بۇزدۇق. سۈرىيەدىكى ئويۇننىڭمۇ قەلبىگە فىرات قالقىنى ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق خەنچىرىمىزنى سانجىدۇق. ئەتە ياكى ئۆگۈن قىسغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئافرىن ۋە مۇنبىچتىن باشلىغانچە سۈرىيەدىكى باشقا تېررورچىلارنىڭ بارلىق ئۇۋىلىرىنىمۇ بىر - بىرلەپ ۋەيران قىلىمىز. بۇنىڭغا نە ئىتتىپاقداشتەك كۆرۈنۈپ بىزنى ئارقىمىزدىن خەنچەرلىمەكچى بولغانلار، نە سىياسەتچىدەك كۆرىنىدىغان بىر ئۇچۇم تېررورلۇقنى قوللىغۇچىلار توسالغۇ بولالىشى مۇمكىن ئەمەس»

ئەردوغان بۇ ئويۇنلارغا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋالغانلىقىغىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئى ناتو! سىلەرنىڭ شېرىكلىرىڭلاردىن ھەر قانداق بىرىسىنىڭ چېگراسىغا تاجاۋۇزچىلىق قىلماقچى بولغانلارغا قارشى پەزىتسىيە تۇتۇش ۋەزىپەڭلار بار. قېنى ھازىرغا قەدەر زادى قانداق پوزىتسىيە تۇتتۇڭلار!؟» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دىكى گۇرۇپپا يىغىنىدىن كېيىن ئاخباراتچىلارغا بەرگەن باياناتىدىمۇ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورلۇقنىڭ ئۇۋۇسىغا ئايلانغان ئافرىنغا قارىتا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان ھەربىي ھەرىكەتنى سۈرىيەلىك قوزغىلاڭچىلار بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر