تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ ئافرىن شەھىرىنى قاتتىق توپقا تۇتتى

تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ ئافرىن شەھىرىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈتۈلگىنىدەك زەربە بېرىشنى باشلىدى.

887707
تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ ئافرىن شەھىرىنى قاتتىق توپقا تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ ئافرىن شەھىرىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/ پ ك ك نىشانلىرىنى شىددەتلىك توپقا تۇتتى.

ھاتاينىڭ سۈرىيە چېگراسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان توپچى قىسىملار تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/ پ ك ك نىڭ ئافرىندىكى نىشانلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى توپچى قىسىملىرى خاسسا ۋە قىرىقخان  ناھىيەلىرىدىن ئافرىننىڭ باسۇفان، جىندەرە، مەمەلان، مەسكەنلى ۋە راجو رايونلىرىغا ئاز دېگەندىمۇ 40 قېتىم توپ ئاتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن چۈشتە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئەلازىغ 6 – نۆۋەتلىك ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيىدا سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكلاتلىرىغا قارشى كۈرەش ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان پەيتتە، تۈركىيە ئارمىيەسى توپچى قىسىملىرى ئافرىندىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى باشىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر