باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىر چاغلاردا ئاپتوبۇس ھەيدىگەن ئىدى

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم بىر مەزگىل ئاپتوبۇس ھەيدەپ يولۇچى توشۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېيتتى.

885933
باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىر چاغلاردا ئاپتوبۇس ھەيدىگەن ئىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم «ت ر ت خەۋەر» قانىلىدا گوللاندىيەلىك ۋىلكو ۋان ھېرپېننىڭ رىياسەتچىلىكىدە تارقىتىلىدىغان «گۆنۈل داغى» (كۆڭۈل تېغى) پىروگراممىسىنىڭ بۇ ھەپتىلىك مېھمىنى بولدى.

بىنالى يىلدىرىم پىروگرامما جەريانىدا ئاپتوبۇس ھەيدىدى ۋە بىر مەزگىل ئاپتوبۇس ھەيدەپ يولۇچى توشۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «ھازىر بىز ھەيدەۋاتقان ئاپتوبۇسنىڭ كۆپ مەنىسى بار. مەن 1978-يىلدىن تارتىپ ئاپتوبۇس ھەيدەشنى باشلىدىم، بۇ ئاپتوبۇس ئۇ چاغدا ئالغان ئاپتوبۇس بىلەن ئوپمو ئوخشاش. تەخمىنەن 15 يىلدىن بۇيان كۆپ ئاپتوموبىل ھەيدىمىدىم، بۇ مەن ئۈچۈن يېڭىلىق بولدى» دېدى.

ئۇ ئەينى چاغدا، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يولۇچى توشۇغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇ ئىشنى دادام بىلەن بىللە باشلىغان ئىدۇق، 1984-يىلىغىچە قىلدۇق، شۇڭا تۈركىيەنىڭ ھەممە جايلىرىغا يولۇچى توشۇدۇم. ئۇ چاغلاردا مىنىستىر بولۇش، باش مىنىستىر بولۇش دېگەنلەر خىيالىمىزغىمۇ كەلمەيتتى. ئەلۋەتتە، خىيال قىلىش بىلەن بولمايدۇ، ئىشلەش كېرەك» دېدى.

ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن قانداق تونۇشقانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز بىلەن 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىدا كاسىمپاشادا تونۇشتۇق. ئۇ <مىللىي سالامەت پارتىيەسى> دە سىياسەت بىلەن شۇغۇللىناتتى، يەنە بىر تەرەپتىن، كوماندىدا پۇتبول ئوينايتتى. كېيىنچە، ئۇ ئىستانبۇلنىڭ شەھەر باشلىقى بولغاندا، مەن ئىستانبۇل دېڭىز ئاپتوبۇسلىرى شىركىتى> نىڭ مۇدىرى بولدۇم. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، جۇمھۇر رەئىسىمىز ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرمايلا تۈرمىگە سولاندى، مەنمۇ ئىستانبۇل دېڭىز ئاپتوبۇسلىرى شىركىتىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئالدىمغا ئىش قىلدىم. كۆپ ئۇزاق ئۆتمەي ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچلىرىدا قايتا بىر يەرگە كەلدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر