رۇسىيە ۋە ئىران باش ئەلچىلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىبتىكى ھۇجۇملىرىدىن ھېس قىلىنغان بىئاراملىق تۈپەيلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

885222
رۇسىيە ۋە ئىران باش ئەلچىلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكسېي يېرخوۋ بىلەن ئىراننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇھەممەد ئىبراھىم تاخەرىئان فارد، سۈرىيەدە ھاكىمىيەتنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكىنى ئازايتىش رايونىدىكى ھۇجۇملىرى يۈزىسىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەدىكى جىددىيچىلىكنى ئازايتىش رايونلىرىدا بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلىرىدىن بىئاراملىق ھېس قىلغانلىقىنى ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاستانادا ھاكىمىيەتنىڭ كاپالەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان رۇسىيەلىك ۋە ئىرانلىق ئەمەلدارلارغا يەتكۈزگەن.

ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كېلىشىمگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشىدىن كېيىن، تۈنۈگۈن رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يېرخوۋ مىنىستىرلىققا چاقىرتىلىپ، تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى نارازىلىقى كۈچلۈك رەۋىشتە يەتكۈزۈلدى ۋە  29-، 30 – يانۋار كۈنلىرى سوچىدا چاقىرىلىدىغان «سۈرىيە مىللىي دىيالوگ يىغىنى» يېقىنلىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە سادىر قىلىنغان كېلىشىمگە خىلاپ قىلمىشلارغا دەرھال خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن، ھاكىمىيەتكە كېرەكلىك سىگناللارنىڭ بېرىلىشى تەلەپ قىلىندى.

بۇ دائىرىدە يەنە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىككىنچى بىر كاپالەتچىسى ئىراننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فاردمۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى.

ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كېلىشىمگە خىلاپ قىلمىشلىرى يەنە، تۈنۈگۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى ئۈمىد يالچىن سۈرىيە مىللىي بىرلەشمىسى باشلىقى رائىد سەيفنى قوبۇل قىلغاندىمۇ مۇھاكىمە قىلىندى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى ئازايتىش رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا خېلىدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قۇرۇقلۇق ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە يېقىندا مەزكۇر رايوننىڭ چېگراسىدىن ھالقىپ، بەزى ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

تۈركىيە، ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ بۇ شەكىلدە ئىلگىرىلىشىگە ئادەتتىچە ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىش ئەمەس، بەلكى، ئاستانىدا ئۈچ كاپالەتچى دۆلەت ھاسىل قىلغان كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن بېكىتىلگەن ئىدلىب جىددىيچىلىكنى ئازايتىش رايونى چېگرالىرىغا دەخلى قىلىش، دەپ قارايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر