تۈركىيە تۈركمەن ھەربىي ئەمەلدارغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدىكى ئىراق تۈركمەن فىرونتىنىڭ ھەربىي رايون ئەمەلدارى ئالائۇددىن ئابدۇلمەقسۇد قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.

880924
تۈركىيە تۈركمەن ھەربىي ئەمەلدارغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركەك ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى مەتبۇئات ئىشلىرى مەسئۇلى ئافراسياۋ كامىل بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «ئىراق تۈركمەن فىرونتى ھەربىي رايون ئەمەلدارى ئالائۇددىن ئابدۇلمەقسۇد كىملىكى نامەلۇم قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلدى» دېدى.

ئافراسياۋ كامىل سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ۋەقەنى بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى، دەپ تەخمىن قىلىۋاتىمىز. رايوندىكى نەق مەيداندىكى ئەھۋالنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچىلار بىر ئاپتوموبىلدىن ئاپتوماتلار بىلەن ئوق چىقىرىپ قېچىپ كەتكەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە، ئىراق تۈركمەن فىرونتىنىڭ كەركۈك شەھەرلىك ھەربىي رايون ئەمەلدارى ئالائۇددىن مەقسۇد ئەلىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قوراللىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىراق تۈركمەن فىرونتىنىڭ كەركۈك شەھىرى ھەربىي رايون ئەمەلدارى ئالائۇددىن مەقسۇد ئەلىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە كەركۈكتە قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىراقلىق تۈركمەنلەر ۋە پۈتكۈل ئىراق خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، «ئىراقنىڭ باي نوپۇس موزايكاسىنىڭ مودېلىنى تەشكىل قىلغان كەركۈك خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تارتىۋاتقان ئازاپلارنى ئارقا قالدۇرۇشى كېرەك بولۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە يۈز بەرگەن بۇ خائىنلارچە ھۇجۇمچە قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، «ھوقۇقلۇق ئىراق دائىرىلىرىنى شەھەردىكى بارلىق قاتلاملارنىڭ ئامان – ئېسەن ياشىشى ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا چاقىرىمىز. كەركۈكتە تېررورچىلارنىڭ ھازىرمۇ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۇ ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ پەردە ئارقىسىدىكىلەرنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇشىنى كۈتمەكتىمىز» دېيىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر