چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيەنىڭ گېرمانىيە بىلەن بىر مەسىلىسى يوق، بىراق گېرمانىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن....

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى DPA نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

880256
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيەنىڭ گېرمانىيە بىلەن بىر مەسىلىسى يوق، بىراق گېرمانىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن....

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى DPA نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، 2018 – يىلىنىڭ گېرمانىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ ياخشى ئۆتىدىغان بىر يىل بولۇشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە «تۈركىيەنىڭ گېرمانىيە بىلەن  ساقلىنىۋاتقان بىر مەسىلىسى يوق. بىراق، گېرمانىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بىر مەسىلىسى بار» دېدى.

مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ چارىكىدە بەك ياخشى بولمىغانلىقىنى، بىراق ئۇنىڭدىن كېيىن بەزى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، «بولۇپمۇ (تاشقى ئىشلار مىنىستىرى) زىگمار گابرىئېل بىلەن ياخشى دىيالوگىمىز بار. ھەر ئىككى تەرەپنى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشقا تەييار، دەپ ئويلايمەن. 2018 – يىلىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىر يىل بولۇشىنى كۈتۈۋاتىمەن» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىز تەرىپىمىزدىن بىر كىرىزىس بار، دەپ قارىمايمىز. تۈركىيەنىڭ گېرمانىيە بىلەن ساقلىنىۋاتقان بىر مەسىلىسى يوق. بىراق، گېرمانىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىسى بار ۋە گېرمانىيە تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيە ۋە ئەردوغاننى قارىلاش جەھەتتە ناھايىتى خەتەرلىك بىر خىل مايىللىق بار. بۇ پەقەتلا پايدىلىق ئەمەس. بۇلارنىڭ جۇمھۇر رەئىسنى بىئارام قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، ئەمما، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپتە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدۇ. بىزنىڭ نېمىشقا گېرمانىيە بىلەن بىر مەسىلىمىز بولسۇن؟! نۆۋەتتە گېرمانىيەنىڭ نېمىشقا تۈركىيە بىلەن بىر مەسىلىسى بار، دېگەن سوئالغا دۇرۇس جاۋاب بېرىلىشىنى كۈتمەكتىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەدە قاماقتا يېتىۋاتقان گېرمانىيە پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، «ھاكىمىيەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەدلىيەنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشالمايمىز. نەتىجىدە مۇستەقىل سوت قارار چىقىرىدۇ. قاراڭ، گېرمانىيەدە ئىككى تۈرك تۈرمىدە يېتىۋاتىدۇ. تۈركىيە بۇنى مۇناسىۋەتلەردە بىر مەسىلىگە ئايلاندۇردىمۇ؟» دەپ سورىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىراق كىمكى تۈركىيەدە تۇتقۇن قىلىنسا ياكى بىر مەسىلىگە دۇچ كەلسە، گېرمانىيەدە قەھرىمان بولىدۇ. نېمىشقا؟ گېرمانىيە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسىمۇ؟ ياق. مەن گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مىڭلارچە مىسال كۆرسىتىپ بېرەلەيمەن.» دېدى.

«ئىرقچى پارتىيە %13 ئاۋازغا ئېرىشتى. گېرمانىيەدە ئىرقچىلىق، ئايرىمىچىلىق ۋە قوبۇل قىلالماسلىق كۈچەيمەكتە. بۇنى ئاخىرقى سايلاملاردا كۆردۈڭلار» دېگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «گېرمانىيە شۇنى چۈشىنىپ يېتىشى كېرەككى، گېرمانىيە بىز تەرەپكە بىر قەدەم تاشلىسا، تۈركىيە گېرمانىيە تەرەپكە ئىككى قەدەم تاشلايدۇ. بۇ ئاجىزلىق ئەمەس، ئەكسىچە، كۆڭۈلدىن چىققان بىر نەرسە. بىراق، گېرمانىيە تۈركىيەگە تەھدىت سالسا، تۈركىيەمۇ بۇنىڭغا قارىتا كېرەكلىك ئىشلارنى قىلىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر