ئەردوغان پاپا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كاتولىكلارنىڭ رۇھانىي رەھبىرى پاپا فرانچىس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

878572
ئەردوغان پاپا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پاپا فرانچىسنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىنى قوغداشنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى.

كۆرۈشۈشتە، 21-دېكابىر ئامېرىكانىڭ قۇددسنى ئىسىرائىلىيە پايتەىتى دەپ ئېتىراپ قىلغان خاتا قەدەمگە قارشى تەييارلانغان تەكلىپ لايىھەسىنىڭ، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلغاندا، توققۇزغا قارشى 128 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنىپ، كىشىنى تولىمۇ خۇرسەن قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئۈچ ساماۋى دىننىڭ مۇقەددەس ماكانى ھېسابلىنىدىغان قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پاپا فرانچىس، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى يۈزمۇ يۈز كۆرۈشۈپ، مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پاپا فرانچىس 2018-يىلنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن تىنچلىق، پاراۋانلىق ۋە خاتىرجەملىككە تولغان بىر يىل بولۇش تىلىكىدە بولدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر