بۈگۈن «S-400» سىستېمىلىرى ئۈچۈن ئىمزا قويۇلىدۇ

رۇسىيە ھەيئىتى بۈگۈن (29-دېكابىر) سېتىپ بېرىلىدىغان «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ.

بۈگۈن «S-400» سىستېمىلىرى ئۈچۈن ئىمزا قويۇلىدۇ
رۇسىيە ھەيئىتى بۈگۈن (29-دېكابىر) «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ
رۇسىيە ھەيئىتى بۈگۈن (29-دېكابىر) «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىقا زىيارىتىدىن قايتىش سەپىرىدە ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنىدىغان «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى ئىنتايىن ياخشى سەۋىيەگە يەتكۈزگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىقا زىيارىتىدىن قايتىش سەپىرىدە ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنىدىغان «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى ئىنتايىن ياخشى سەۋىيەگە يەتكۈزگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «مۇداپىئە سانائىتىدە S-400 سىستېمىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قەدەملەرنى تاشلىدۇق، رۇس ھەيئىتى جۈمە (29-دېكابىر) كۈنى قەرز كېلىشىمى ئۈچۈن ئەنقەرەگە كېلىپ، كېلىشىمگە ئىمزا قويىدۇ» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ دوللار ھېساباتى بويىچە قەرز ئالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇنداق دېدى:

«رۇبلى ھېساباتى بويىچە قەرز ئالىمىز، خەزىنەنىڭ قەرزى بويىچە ھېسابلىغاندا ناھايىتى ئەرزان قەرز بولىدۇ.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دوللاردىن باشقا پۇل بىرلىكى بىلەن سودا قىلىشنىڭ كۆپ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ يەرلىك ۋە مىللىي پۇل بىرلىكلىرى بىلەن ئېلىم-بېرىم قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر