دىكىلى ناھىيەسى دېڭىز ساھىللىرىدا نۇرغۇن چەت ئەللىكلەر تۇتۇلدى
ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ دىكىلى ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەگە ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان 132 چەت ئەللىك تۇتۇلدى.
876977
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساھىل بىخەتەرلىك رادارلىرى بادەملى ۋە مادران ساھىلىدىن يەل قولۋاق بىلەن گىرېتسىيە ئارىلىغا ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان ئۈچ گۇرۇپپا كۆچمەننى بايقىدى.
ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋېلىپ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتكەن ساھىل بىخەتەرلىكى خادىملىرى ئۈچ يەل قولۋاقتا ئايال ۋە كچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 53 سۈرىيەلىك، 79 ئافرىقىلىق كۆچمەننى تۇتتى.
كۆچمەنلەر مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەردىن كېييىن ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.