باش مىنىستىر سەئۇدى ئەرەبىستانغا يۈرۈپ كەتتى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم «جان» ناملىق مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادقا يۈرۈپ كەتتى.

876410
باش مىنىستىر سەئۇدى ئەرەبىستانغا يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يىلدىرىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز، تەخت ۋارىسى شاھزادە ۋە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردا، سەئۇدى ئەرەبىستان – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارا مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر