ئەردوغان: ئىسلام دۆلەتلىرى بىرلەشسە قانچىلىك كۈچلۈك ھالغا كېلەلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 13 – دېكابىردا ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ، ئىسلام دۇنياسى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغاندا قانچىلىك كۈچلۈك ھالغا كېلەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

875044
ئەردوغان: ئىسلام دۆلەتلىرى بىرلەشسە قانچىلىك كۈچلۈك ھالغا كېلەلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى بولۇش ئۈچۈن بارغان سۇداندا پىرېزىدېنت ئۆمەر ئەلبەشىر بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى؛ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىغىندا سۆز قىلىپ، «يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ قۇرۇلۇشى يولىدا قەدەم تاشلىدۇق. ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە كۆپلىگەن ساھەلەردە... تېرىقچىلىق، ئېنېرگىيە، كانچىلىق، سەھىيە ساھەلىرىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەر تاشلىنىپ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش پىرىنسىپى دائىرىسىدە ھەر ئىككى دۆلەت ناھايىتى مۇھىم نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. 80 مىليون نوپۇسقا ئىگە تۈركىيە بىلەن 30 مىليون نوپۇسلۇق سۇداننىڭ سودا ھەجىمى 500 مىليون دوللار. بۇ بىزگە ياراشمايدۇ. بىز بۇنى بىرىنچى قەدەمدە 1 مىليارد دوللارغا، ئارقىدىن 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشىمىز لازىم. سۇداندا روياپقا چىقىرىلىدىغان قۇرۇلۇشلار سايىدا تۈرك سودا – سانائەت دۇنياسىنىڭ بۇ يەردىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. سودا – سانائەتچىلىرىمىزنى سۇدانغا مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز» دېدى.

باياناتلاردىن كېيىن سۇدان پىرېزىدېنتى ئۆمەر ئەلبەشىر تەرىپىدىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا دۆلەت ئالىي مېدالى تەقدىم قىلىندى. ئارقىدىن ئەردوغان سۇدان پارلامېنتىدا سۆز قىلدى؛ ئۇ سۆزلىرىنى «بۈگۈن يەنە بىر قېتىم ئىككىنچى ئۆيىمىزدە، سۇداندا بولغانلىقىمىزدىن، سىلەرگە ئوخشاش قىممەتلىك قېرىنداشلىرىم بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۆزۈم، رەپىقەم ۋە ھەيئىتىم ھەقىقەتەن تولىمۇ خۇشالمىز» دەپ باشلىدى. ئەردوغان سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ «ھېچكىم بىزدىن روھىڭيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا قەتل قىلىنىشىغا، پەلەستىن خەلقى يىللاردىن بۇيان دۇچ كېلىۋاتقان ھۇجۇملارغا، سۇرىيە ، ئىراق، لىۋىيە، يەمەن ۋە سومالىدىكى ئىنسانىي كىرىزىسلارغا، قىرغاق ئەللىرىدىكى، چاد كۆلى ھاۋزىسىدىكى قىيىنچىلىقلارغا سۈكۈت قىلىشىمىزنى كۈتمىسۇن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ناھەقچىلىقنىڭ، ئادالەتسىزلىكنىڭ ۋە سوغۇققانلىقتىن مەھرۇم قارارلارنىڭ ئاقىۋەتتە پۇشايمان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، بۇنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالىنىڭ قۇددۇسقا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەردە نامايان بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرىنىڭ 6 – دېكابىردا پۈتكۈل رايوننى ئوتنىڭ ئىچىگە ئىتتىرىش بەدىلىگە قۇددۇسنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ۋە ئەلچىخانىسىنى ئۇ يەرگە يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئەردوغان، «(ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ) كىمدىن سورىدى؟! ئۆزلۈكىدىن بۇ قارارنى چىقاردى. بۇ توغرىدا ھېچبولمىغاندا ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن، خىرىستىيان دۇنياسى بىلەن بىر ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش ئەھمىيەتسىزمىدى؟ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى مەن ئىدىم، مەن بىلەن قەتئىي كۆرۈشمىدى. بۇنىڭدىن باشقا پاپا بىلەنمۇ كۆرۈشمىدى» دېدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇلدا يىغىن چاقىرغانلىقىنى، ئەلبەشىرنىڭمۇ ئۇ كۈنكى يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «جىددىي يىغىنغا ئىشتىراك قىلىپ يىغىننىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا ھەمنەپەس بولغان قېرىندىشىم ئەلبەشىرگە بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن. (ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىكى) بۇ 128 دۆلەتكىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلار ھەقىقەتنىڭ سېپىدە تۇردى. ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشقان <قۇددۇس> تېمىلىق جىددىي يىغىن سايىسىدا، ئىسلام دۇنياسى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغاندا قانچىلىك كۈچلۈك ھالەتكە كېلەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بۇ خاتا قارارىغا يەنە بىر زەربە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۇرۇلدى. ئۇ يەردە يالغۇز قالغان ئامېرىكا، رەت قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، مەن ھەردائىم دەۋاتقان <دۇنيا 5 تىن چوڭقۇر> دېگەن ئېتىرازىمىزنىڭ قانچىلىك ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى، ھەر ھالدا بىردىنمۇ تېخىمۇ چوڭ، بۇنىمۇ نامايان قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر