ئەمىنە ئەردوغانغا سۇدان خەلقىنىڭ رەخمىتى يەتكۈزۈلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان سۇدان پىرېزىدېنتى ئۆمەر بەشىرنىڭ رەپىقىسى ۋىداد بابىكەر ئۆمەر موداۋى بىلەن كۆرۈشتى.

875025
ئەمىنە ئەردوغانغا سۇدان خەلقىنىڭ رەخمىتى يەتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغاننىڭ خورتۇم زىيارىتىگە بىرلىكتە بارغان ئەمىنە ئەردوغان، سۇدان پىرېزىدېنتى ئۆمەر بەشىرنىڭ رەپىقىسى موداۋى بىلەن دوستلۇق سارىيىدا ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

موداۋى بەزى مىنىستىرلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئىتى بىلەن بىرلىكتە ئەمىنە ئەردوغانغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تۈركىيەنىڭ قۇددۇس مەسلىسىدە تۇتقان پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن رەخمەتلىرىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.

سۇدان ھەيئىتى تۈركىيەنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا باشلامچىلىق رولى ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئالاھىدە مەدھىيەلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

ئەمىنە ئەردوغانمۇ تۈركىيەنىڭ ھەر دائىم سۇداننىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت سۇدان خەلقىنىڭ ھەر دائىم يېنىدا بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇچرىشىش ئائىلە رەسىمىگە چۈشۈش بىلەن ئاخرىلاشتى.

تۈركىيە ھەيئىتىگە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېنرال خۇلۇسى ئاقارنىڭ ئايالى سۇلە ئاقار ۋە بەزى مىنىستىرلارنىڭ ئاياللىرى ئىشتراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر