يىلدىرىم نەھچىۋاننى زىيارەت قىلدى

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتكەندە تۈركىيەدىن باش مىنىستىر سەۋىيەسىدە نەھچىۋاننى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلدى.

872674
يىلدىرىم نەھچىۋاننى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم تۈنۈگۈن (20-دېكابىر) نەھچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلىپ، ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتكەندە تۈركىيەدىن باش مىنىستىر سەۋىيەسىدە قىلىنغان بىر زىيارەتنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم نەھچىۋان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا نەھچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ئالىي مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ باشلىقى ۋاسىف تالىبوۋ، تۈركىيەنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەركان ئۆزئورال، نەھچىۋاندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇل نىھات ئەرشەن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىلەر تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىندى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ قىزى بۈشرا باھار كۆيلۈباي، مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىر بوزتاغ، ئائىلە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۈل سايانكايا، دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ئەلى ئەرباش، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى راۋزا كاۋاكجى قاتارلىق كىشىلەر بۇ قېتىمقى زىيارەتتە بىرگە بولدى.

بىنالى يىلدىرىم نەھچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدىكى زىيارىتى دائىرەسىدە، ھايدار ئەلىيېۋ خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى.

ئۇ مەجلىس بىناسىدا، نەھچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ئالىي مەجلىسىنىڭ باشلىقى ۋاسىف تالىبوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم نەھچىۋاندىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن تۈركىيەگە قايتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر