ئەمدى دۇنيا ئۆزگەردى، مەن كۈچلۈك، شۇڭا مېنىڭكى توغرا دەيدىغان قاراشمۇ ئۆزگەردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن (21-دېكابىر) ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلىدىغان قۇددۇس قارارى توغرىسىدا كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشىشنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

872799
ئەمدى دۇنيا ئۆزگەردى، مەن كۈچلۈك، شۇڭا مېنىڭكى توغرا دەيدىغان قاراشمۇ ئۆزگەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قۇددۇس قارارىنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلۇپ كۈچكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «قاراردىن پەقەت مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، بەلكى خىرىستىيانلارمۇ ناھايىتى بىئارام» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ قۇددۇسنى ئىسىرائىلىيە پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقى ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىگە چېكىنىشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى باشتىن تارتىپ دەپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، بۇ دائىرەدە 17-دېكابىر ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بىر قارار لايىھەسى سۇنۇلغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇنى قوللىغانلىقىنى ۋە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئەمدى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلىدۇ. بىز قارارنىڭ كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشىشىنى كۈتىمىز. چۈنكى باشتا دەپ ئۆتكىنىمدەك، بۇ ئامېرىكانىڭ قۇددۇس قارارىدىن پەقەت مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، بەلكى خىرىستىيانلارمۇ ناھايىتى بىئارام. كاتولىكلار، ئورتودوكسلار، پروستانتلار، ھەتتا يەھۇدىيلارنىڭ كۆپلىگەن مۇھىم قىسمى قارارغا قارشى.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋىجدانى بولغان ھەممە ئادەمنىڭ قانۇنغا خىلاپ بولغان ۋە پەلەستىننىڭ ھەق-ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغان ئامېرىكانىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشى چىققانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە مۇنداق دېدى:

«نىيۇ يوركتا ئاۋازغا قويۇشتىن بۇرۇن يالغۇز قالغان ئامېرىكانىڭ تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. دۇنيا ئۆزگەردى، ئەمدى مەن دېگەن كۈچلۈك، شۇڭا مېنىڭكى توغرا دەيدىغان قاراشمۇ ئۆزگەردى، دۇنيا ئادالەتسىزلىكلەرگە ئىسيان كۆتۈرىدۇ، ھېچقانداق غۇرۇرلۇق مىللەت، ھېچقايسى شەرەپلىك دۆلەت بۇنداق بېسىملارغا بويۇن ئەگمەيدۇ. ھەممە كىشى ۋىجدانىنىڭ ئاۋازى ۋە خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى چىقىش قىلىپ ئاۋاز بېرىدۇ. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولىدۇ، ھېچكىم بۇ بېسىملارغا باش ئەگمەيدۇ، شۇڭا ئامېرىكا بۇ ئۇسۇلىدىن ۋاز كېچىشى لازىم.»

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەلمالىكى بىلەن بىرلىكتە، پەلەستىن دەۋاسىنى ب د ت دا ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا قوغدايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر